ئېممانۇئېل ماكرون فىرانسىيەدە چېركاۋلارغا ئىئانە سەپەرۋەرلىكى باشلىدى
فىرانسىيەدە ھۆكۈمەت تۆۋەن خامچوتلۇق چېركاۋلارنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىئانە سەپەرۋەرلىكى باشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئېلىسې سارىيىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت ماكرون تۈنۈگۈن (6-ئىيۇن) نورماندى دېڭىز قىرغىقىدىكى ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مونت ساينت مىشېل چېركاۋى ياسالغانلىقىنىڭ 1000 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان.
ماكرون دۆلەت ئىچىدىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ياردەم سەپەرەۋرلىكى باشلاشقا پەرمان چۈشۈرگەن.
فىرانسىيەدە 50 مىڭغا يېقىن ئىبادەتخانىدىن 10 مىڭ 500 ى فىرانسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ ياردىمى بىلەن قوغدىلىۋاتقان بولۇپ، ئېلىسې سارىيى بولۇپمۇ نوپۇسى ئاز رايونلاردىكى چېركاۋلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ياردەم سەپەرۋەرلىكىنى باشلىدى.
يىغىلغان ئىئانىلەرنىڭ 2019-يىلى ئاپرېلدا كۆيۈپ كەتكەن ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان پايتەخت پارىژدىكى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە نوترېدام كاتېدرالىغا ئىشلىتىلىشى پىلانلانماقتا.