ئافغانىستاندىكى سۇيىقەستنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى

ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ۋىلايىتىدە تالىبان تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن مۇئاۋىن ۋالىي مەۋلىۋى نىسار ئەھمەد ئەھمەدىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

1996538
ئافغانىستاندىكى سۇيىقەستنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈنۈگۈن (6-ئىيۇن) ئەتىگەن تەرەپلەردە يۈز بەرگەن سۈيىقەستنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىي ناھىيەسى فەيزئابادنىڭ مەھكىمە مەيدانىدا، بەدەخشان ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مەۋلىۋى نىسار ئەھمەد ئەھمەدى سۈيىقەستكە ئۇچراپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

9-مارت كۈنى ئافغانىستاننىڭ بەلخ ئۆلكىسىنىڭ ۋالىي مەھكىمىسى بىناسىدا يۈز بەرگەن ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغان بومبا ھۇجۇمىدا، تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋالىيسى مەھمۇد داۋۇد مۇزەممىل قازا قىلغانىدى.

2021 - يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا تالىباننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىدىن كېيىن، دائېش تالىبان ئەزالىرى ۋە پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر