ياۋروپا ئېنېرگىيە تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئۆتكەن يىلى (2022) ئېنېرگىيە كىرىزىسى سەۋەبىدىن يولغا قويۇلغان توك ئېھتىياجىنى ئازايتىش ۋە توك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرنىڭ كىرىمىنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1995953
ياۋروپا ئېنېرگىيە تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يۇقىرى ئېنېرگىيە باھاسىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان ۋە ياۋروپا كېڭىشىگە سۇنۇلغان دوكلاتنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا، ئېنېرگىيە بازىرىغا بولغان توك ئېھتىياجىنى تۆۋەنلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ كىرىمىگە چەك قويۇش ۋە پارچە سېتىش باھاسىنى تەڭشەش قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنىڭ، ياۋروپا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ راھەتلىشىگە پايدىلىق بولغانلىقى كۆرسىتىلدى.

دوكلاتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېلېكتر بازىرىدىكى تەمىنلەش ۋە باھانىڭ ئالدىنقى يىلغا (2021)  سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرگەنلىكى بايان قىلىنغان دوكلاتتا، «مۇھىم تەدبىرلەرنى ئۇزارتىش ھازىرچە زۆرۈر ياكى تەۋسىيە قىلىنىدىغان دەرىجىدە ئەمەس» دېيىلدى.

دوكلاتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئېنېرگىيە كىرىزىسى تەدبىرلىرىنى ئۇزارتىشنى تەكلىپ قىلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ھەر مېگاۋات سائەت توك باھاسىنىڭ 80 ياۋرودىن تۆۋەنلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا، 2022-يىل ئىچىدە كۆزىتىلگەن توك باھاسىدىكى ئۆسۈش ئەھۋالىنىڭ، كېلەر يىلى (2024) قىش پەسلىدە كۆرۈلمەسلىك مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بۇلتۇر (2022) رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئېنېرگىيە كىرىزىسى سەۋەبىدىن تەبىئىي گاز ۋە توك باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە قارشى نۇرغۇن تەدبىرلەرنى ۋە ھەر خىل ياردەم قىلىش پىروگراممىلىرىنى يولغا قويغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر