كۈۋەيت خەلقى پارلامېنت ئەزالىرى ئۈچۈن ئاۋاز تاشلىدى

كۈۋەيت خەلقى بۈگۈن (6-ئىيۇن) دۆلەت پارلامېنتى ئەزالىرىنى سايلاش ئۈچۈن ئاۋاز تاشلايدۇ.

1995827
كۈۋەيت خەلقى پارلامېنت ئەزالىرى ئۈچۈن ئاۋاز تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۈۋەيت كۇنا (KUNA) ئاگنېتلىقى سايلىغۇچىلارنىڭ بۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى 08.00 دە ئاۋاز تاشلاشنى باشلىغانلىقىنى، ئاۋاز تاشلاشنىڭ 20.00 دە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كۈۋەيتتە 793 مىڭ 646 سايلىغۇچى بار بولۇپ، 17 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 207 نامزات، 50 كىشىلىك پارلامېنتقا كىرىش ئۈچۈن ئۆزئارا رىقابەتلىشىدۇ.

كۈۋەيت ئەمىرى شەيخ نەۋۋاف ئەل ئەھمەت ئەلجەبىر ئەسساباھ ئاۋغۇست (2022) تا «پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ماسلىشالماسلىقى» سەۋەبىدىن پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ سايلام ئۆتكۈزۈش قارارىنى چىقارغان ئىدى. كۈۋەيت خەلقى 29-سېنتەبىر (2022) ئاۋاز تاشلاپ يېڭى پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلىغان ئىدى.

بىراق، ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى 19-مارت ئىلگىرىكى پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش قارارىنىڭ «قانۇنسىز» ئىكەنلىكى، شۇڭا سېنتەبىردىكى سايلامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، 2020-يىلى سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى.

كۈۋەيت ئەمىرى 17-ئاپرېل (2023) دا ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ ھۆكمى بىلەن كۈچكە ئىگە بولغان 2020-يىلى سايلانغان پارلامېنتنى قايتا تارقىتىۋېتىپ، 6-ئىيۇن (بۈگۈن، 2023) سايلام ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان ئىدى.

كۈۋەيت پارلامېنتى يېقىنقى 12 يىلدا 11 قېتىم تارقىتىۋېتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر