دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئاۋىياماتكىسى ناتونىڭ قوماندانلىقىدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ

ئامېرىكانىڭ USS Gerald R.Ford ناملىق ئاۋىياماتكىسى نورۋېگىيە دېڭىزىدىكى پىلانلىق ھەرىكەتلەرنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ قوماندانلىقىغا ئۆتتى.

1995700
دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئاۋىياماتكىسى ناتونىڭ قوماندانلىقىدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئاۋىياماتكىسى— USS Gerald R.Ford نىڭ ھەمراھلىقىدىكى پاراخوتلار بىلەن بىرلىكتە 2 - ئىيۇندىن باشلاپ ناتو قوماندانلىقى ئاستىدا دېڭىز- ئوكيان بىخەتەرلىك پائالىيەتلىرى ۋە مەشىقلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىن پىلانلانغان پائالىيەتلەر دائىرىسىدە، ياۋروپادىكى ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىغا ئامېرىكا ۋەزىپە گۇرۇپپىسىدىكى قوغلىغۇچى پاراخوتلىرى بىلەن ساياھەت پاراخوتلىرى ھەمراھ بولىدىكەن.

ئۇندىن باشقا، ناتوغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىمۇ ناتو قوماندانلىقىدىكى مەزكۇر ئاۋىياماتكا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىكەن.

ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، F-18 ئۇرۇش ئايروپىلانى، بالدۇر ئاگاھلاندۇرۇش ئايروپىلانلىرى، تىرانسىپورت ئايروپىلانلىرى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى ئېلىپ ماڭغان ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىنىڭ ناتونىڭ قوماندانلىقىغا ئۆتۈشى، ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان ئىتتىپاقلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىشارىتى ئىكەن.

بۇ قەدەم يەنە، ناتو ئىتتىپاقداشلىرى ئارىسىدىكى قوماندانلىق ۋە كونترول قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆز-ئارا ئالمىشىشچانلىقى ۋە چاققانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدىكەن.

ئاۋىياماتكانىڭ بۇ بىر ھەپتە بويىچە ناتو قوماندانلىقىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر