رۇسىيەدىن خىتايغا ماڭغان ماي پاراخوتى سۈۋەيىش قانىلىدا بۇزۇلۇپ قالدى

مىسىرنىڭ سۈۋەيىش قانىلىدا كاشىلا چىققان ماي پاراخوتى سۆرىگچۇچى پاراخوتلار بىلەن چەتكە تارتىلغاندىن كېيىن،  قانالدىكى  دېڭىز قاتنىشىنىڭ نورمال ھالەتكە كەلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1995167
رۇسىيەدىن خىتايغا ماڭغان ماي پاراخوتى سۈۋەيىش قانىلىدا بۇزۇلۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈۋەيىش قانىلى باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ ھەقتەيازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا قارىغاندا، سۈۋەيىش قانىلى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئوساما رابى كاشىلا كۆرۈلگەن ماي پاراخوتى قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن، سۇۋەيىش قانىلىدىكى دېڭىز قاتنىشىنىڭ نورمال ھالەتكە كەلگەنلىنى ئېيتتقان.

ئوساما رابى ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەدىن خىتايغا قاراپ ماڭغان «SEAVIGOUR» ناملىق ماي پاراخوتىنىڭ قانالدىن ئۆتۈش جەريانىدا بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى، 3 سۆرىگچۇچى پاراخوت بىلەن ماي پاراخوتى چەتكە تارتىلىپ، بىر سائەت ئىچىدە قانالدىكى دېڭىز قاتنىشىنىڭ نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

سۇۋەيىش قانىلىدا 25- مايدىمۇ تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن بىر يۈك پاراخوتى قىزغاققا چىقىپ قالغان ۋە  قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن قانالدىكى قاتناش نورمال ھالەتكە كەلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر