بېلگىيە باش مىنىستىرى ۋېلىسىپىتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، ھوشىدىن كەتتى

بېلگىيە باش مىنىستىرى ئالېكساندېر دې كرو ۋېلىسىپىتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، بېشى يارىلاندى ۋە قىسقا ۋاقىتلىق ھوشىدىن كەتتى.

1995161
بېلگىيە باش مىنىستىرى ۋېلىسىپىتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، ھوشىدىن كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئالېكساندېر دې كرو تۈنۈگۈن ئۆيىگە يېقىن جايدا ۋېلىسىپىت ھادىسسىسىگە يولۇقتى.

تۇرالغۇسىدىن 3 كىلومىتىر يىراقلىقتا ئوغلى بىلەن ۋېلىسىپىت مىنىش چەريانىدا يىقىلىپ چۈشكەن باش مىنىستىر دې كرونىڭ يىقىلىپ چۈشۈش سەۋەبىدىن بېشى يارىلانغانلىقى ۋە قىسقا ۋاقىتلىق ھوشىدىن كەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ھادىسىدىن كېيىن تېزلىكتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان باش مىنىستىرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئېغىر سالامەتلىك مەسىلىسى كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئالېكساندېر دې كرو كەچتە ئۆيىگە قايتىپ كەلدى ۋە بىر كۈننى تۇرالغۇسىدا ئارام ئېلىپ ئۆتكۈزۈدىغانلىقى، ھەپتە ئىچىدە بولسا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پروەگراممىلىرىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر