ئامېرىكادىكى قەرز كرىزىسى ھەل بولدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن قەرز چېكىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ قەرزگە خىلاپلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويدى.

1994985
ئامېرىكادىكى قەرز كرىزىسى ھەل بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جو بايدىن ئاقساراي بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇزاكىرىلەردىن كېيىن ماقۇللانغان مالىيە مەسئۇلىيەت قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

شۇنداق قىلىپ، قەرز ئېلىشنىڭ يۇقىرى چېكى 2025-يىلى 1-يانۋارغىچە توڭلىتىلدى، قەرز چېكىنىڭ ئاشۇرۇلىشى بىلەن فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەرزنى قايتۇرالمايدىغان بولۇپ قىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى.

ئامېرىكىدا 1-ئاينىڭ 19-كۈنى قەرز سوممىسى 31 تىرىليون 400 مىليارد دوللارلىق چەككە يەتكەن بولۇپ، قايتۇرالمايدىغان بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇشقا باشلانغان ئىدى.

قەرز چېكى توغرىسىدا ئۇزۇن داۋاملاشقان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، ئالدىنقى ھەپتە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى، قەرز چېكىنى ئاشۇرۇش قانۇن لايىھەسى دەسلەپتە ئاۋام پالاتاسىدا، ئاندىن كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر