ياۋروپا ئىتتىپاقى مولدوۋاغا 295 مىليون ياۋرو ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغان بولدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن مولدوۋاغا 295 مىليون ياۋرو ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغان بولدى.

1993015
ياۋروپا ئىتتىپاقى مولدوۋاغا 295 مىليون ياۋرو ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ سەلەبىي ئىقتىسادىي تەسىرىگە ئۇچرىغان مولدوۋاغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ياۋروپا كېڭىشى ئىتتىپاقنىڭ مولدوۋاغا قىلىدىغان ئىقتىسادىي ياردىمىنى ئىككى ھەسسىگە يېقىن كۆپەيتىپ، 295 مىليون ياۋروغا يەتكۈزدى» دېيىلدى.

باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ماكرو مالىيە ياردىمىنىڭ مولدوۋاغا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) كېلىشىمىگە ئاساسەن تەمىنلەنگەن ئىقتىسادىي مەنبەلەرنى تولۇقلايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، مولدوۋانىڭ ئىقتىسادىي مۇقىملىقى ۋە قۇرۇلما ئىسلاھاتىنى قوللاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مەزكۇر ياردەمنىڭ 220 مىليون ياۋرولۇق قىسمىنىڭ قەرز بولىدىغانلىقى، 75 مىليون ياۋرولۇق قىسمىنىڭ ئىئانە بولىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق مولدوۋانىڭ چىقىم تەڭپۇڭلۇقى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تۆھپە قوشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر