ئىتالىيەدە مىلادىيە 79-يىلىدىكى يانار تاغ پارتلاشتا قازا قىلغان ئۈچ كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

ئىتالىيەنىڭ پومپېي قەدىمكىي شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان قېزىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، مىلادىيە 79-يىلى ۋېزۇۋ يانار تېغىدىكى چوڭ پارتلاشتا قازا قىلغانلىقى ئېنىقلانغان ئۈچ كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

1992846
ئىتالىيەدە مىلادىيە 79-يىلىدىكى يانار تاغ پارتلاشتا قازا قىلغان ئۈچ كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، پومپېيدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قېزىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا مىلادىيە 79-يىلى ۋېزۇۋدا يۈز بەرگەن چوڭ پارتلاشتا قازا قىلغان ئۈچ كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ قەدىمكىي شەھەردە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ يېڭى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

مەزكۇر سۆڭەك قالدۇقلىرىنىڭ پومپېي قەدىمكىي شەھىرىدىكى پارتلاش جەريانىدا تونۇردا پاناھلانغان ئىككى ئايال ۋە 3-4 ياشلىق بىر بالىغا تەۋە ئىكەنلىكى،  ئۇلارنىڭ لاۋا، كۈل ۋە تۇپراق قاتلىمى ئاستىدا قالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئارخېئولوگلار يەنە، پومپېيدا ئەپسانىۋى كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تام رەسمىنىڭمۇ بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەدەنىيەت مىنىستىرى گېننارو سانگىيۇليانو: «بۇ جەسەتلەرنى تېپىشنىڭ داۋاملىشىشى بىزگە پومپېيدا ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدىغان يەنە قانچىلىغان نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ» دېدى.

ناپلېس ئەتراپىدىكى پومپېي قەدىمكىي شەھىرى ئىتالىيەدە ھەر يىلى يۈز مىڭلىغان ساياھەتچىلەر زىيارەت قىلىدىغان جايلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر