ئىسرائىلىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيە خەلقى باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدىغان بەلگىلىمە چىقارغانلىقىغا قارشى نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1991779
ئىسرائىلىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: نېتانياھۇ باشچىلىقىدىكى ئاشقۇن ئوڭ قانات بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئەدلىيە بەلگىلىمىلىرىگە قارشى ھەر شەنبە كۈنى كەچتە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىسرائىلىيە خەلقى، نامايىشنىڭ 21-ھەپتىسىدە يەنە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا مەيدانلارغا چىقتى.

تېل ئاۋىۋ، غەربىي قۇددۇس، ھايفا ۋە بىرۇسسەبى قاتارلىق شەھەرلەردىن باشلىغانچە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى ئوندىن ئاتوق نۇقتىدا ئونمىڭلىغان ئىسرائىلىيەلىك نامايىشقا قاتناشتى.

مىڭلىغان نامايىشچىلار ھەر ھەپتىدىكىگە ئوخشاش تېل ئاۋىۋنىڭ قاپلان كوچىسىدىكى ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلدى.

قاپلان كوچىسىغا قۇرۇلغان مۇنبەردە، جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان قاتلاملىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر نۇتۇق سۆزلىدى، ھۆكۈمەتنىڭ ئەدلىيە بەلگىلىمىلىرىگە قارشى دېموكراتىيەنى تەكىتلىدى.

نامايىشتا ھۆكۈمەتنىڭ ئەدلىيە بەلگىلىمىسىدىن باشقا يەنە، ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋە ئىسرائىلىيەدىكى ئەرەب پۇقرالىرى دۇچ كەلگەن كەمسىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر