ئىران يېڭى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى كۆرگەزمە قىلدى

ئىران 2 مىڭ كىلومېتىر مۇساپىلىق يېڭى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى كۆرگەزمە قىلدى.

1990851
ئىران يېڭى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى كۆرگەزمە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىرنا، پايتەخت تېھراندا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە خەيبەر (ھۈررەمشەھر-4) ناملىق ئوتتۇرا مۇساپىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان، 2 مىڭ كىلومېتىر مۇساپىغا يېتىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە سۇيۇق يېقىلغۇلۇق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا — خەيبەر، 1500 كىلوگىرام ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قويۇپ بېرىلىش ۋە نىشاننىڭ بىتچىت قىلىنىش جەريانىغا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتتى.

مۇراسىمغا قاتناشقان ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد رىزا ئاشتىيانى مەزكۇر باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ دۆلىتى تەتقىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرغان «ھۇررەمشەھر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئائىلىسىگە مەنسۇپ  ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاشتىيانىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ بۇزغۇنچىلىق كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھەر خىل ئوق باشلىرىنى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر