ئىتالىيەدە كەلكۈن سەۋەبىدىن 15 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

ئىتالىيەنىڭ ئېمىلىيا روماگنا رايونىدا ئۆتكەن ھەپتە ياغقان شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كەلكۈندە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بىر كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلىشى بىلەن 15 كە چىقتى.

1990124
ئىتالىيەدە كەلكۈن سەۋەبىدىن 15 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە ئانسا (ANSA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە رايوندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە تارقاقلاشتۇرۇلغان بىر كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان. 68 ياشلىق بۇ كىشى 17-مايدىن تارتىپ يوقاپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن، كەلكۈن ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 15 كە چىققان.

يەنە بىر تەرەپتىن، رايوندا «قىزىل رەڭلىك» ئاگاھلاندۇرۇش داۋاملاشماقتا.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىيورگىيا مېلونى رەھبەرلىكىدىكى ئوڭچى بىرلەشمە ھۆكۈمەت كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبى بىلەن، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن 2 مىليارد ياۋرودىن ئارتۇق ئىقتىساد ئاجرىتىشنى قارار قىلغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر