باش كاتىپ ستولتېنبېرگ ناتونىڭ ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، ناتونىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1988023
باش كاتىپ ستولتېنبېرگ ناتونىڭ ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تەرىپىدىن «چەت ئەل جاسۇسى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ تارقىتىشلىرى چەكلەنگەن ئۆكتىچى تېلېۋىزىيە قانىلى «دوجد» (يامغۇر)نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ستولتېنبېرگ، نۇقتىلىق ھالدا رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە توختالدى.

باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنانى قورال- ياراغ ۋە ئوق- دورا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىناغا يىراق مۇساپىلىك چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇكرائىنا (رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) پۇتىننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قورال ۋە ئوق- دورىغا موھتاج. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى قوراللارنى ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى، ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن قوراللارنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىگە، قوراللارنىڭ رېمونت قىلىنىشىغا لازىملىق سايمانلارنىڭ ئەۋەتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىگە ھۇجۇمغا ئۆتۈش پىلانىغا باھا بېرىپ، پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئىستراتېگىيەلىك خاتالىقلارنى سادىر قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پۇتىن ئۆتكەن يىلى ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق قەستەنلىك ئۇرۇشنى باشلىغان چېغىدا، ئۇكرائىنانى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئىشغال قىلىۋالىمەن، دەپ ئويلاپ قالدى. بۇ ئۇرۇش 15 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۇكرائىنالىقلار كىيېۋ ئەتراپىدىن باشلاپ خاركىۋنىڭ خېرسون رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى يەرلەرنى ئازاد قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى ئۇكرائىنالىقلار ئۆزلىرى چىقىرىدۇ.

بىز زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش مۇساپىسىدە ئۇكرائىنالىقلارنى قوللايمىز. بۇ ھۇجۇمنىڭ كەڭ كۆلەملىك ياكى تار دائىرىلىك بولۇشىغا ناتو دۆلەتلىرى ئەمەس، ئۇكرائىنالىقلار قارار قىلىدۇ. بىز بولساق، زۆرۈر بولغان ياردەملەرنى قىلىشىمىز كېرەك. بۇ پۇتىننىڭ ئىككىنچى ئىستراتېگىيەلىك خاتالىقى ئىدى. ئۇ ناتونى ئۇكرائىنانى قوللاش مەسىلىسىدە پارچىلىۋېتىمەن، دەپ ئويلاپ قالدى».

ستولتېنبېرگ «ھۇجۇملار مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان تەقدىردە، ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرامسىلەر؟» دېگەن سوئالغا: «ئەلۋەتتە، بىز ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئۇكرائىنانى قانچىلىك قوللاشقا كېرەك بولسا، شۇنچىلىك قوللايمىز. بىز بۇنى كۆپ قېتىم ئېيتتۇق. پۇتىن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلسا، بۇ ھەم ئۇكرائىنا ھەم بىزگە نىسبەتەن ئېغىر تىراگېدىيە بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ستولتېنبېرگ ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «ھېچكىم رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلمىدى. ئۇكرائىنا رۇسىيەگە خەتەر ئېلىپ كەلمىدى، ئەمما پۇتىن قوشنا دۆلەتلەرنى كونترول قىلىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ مۇستەقىل دۆلەت ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ سەۋەبتىن، رۇسىيە زور بەدەل تۆلەۋاتىدۇ. رۇسىيە يالغۇز قالدۇرۇلدى. نەتىجىدە، رۇسىيە خەلقى يوقسۇللاشتى. پۇتىن باشلىغان ئۇرۇشتا رۇسىيە ياشلىرىنىڭ زەمبىرەك يەملىكى قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈاتىمىز.

پۇتىن باشلىغان كىشى پۇتىن. پۇتىنمۇ بۇ ئۇرۇشنى بۈگۈنلا توختىتالىشى مۇمكىن. ئەگەر پۇتىن ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىشنى توختاتسا، تىنچلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. روسىيەمۇ بىخەتەر بولىدۇ. چۈنكى ناتودىن رۇسىيەگە ھېچقانداق تەھدىت يوق. ئەگەر (ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) زېلېنسكىي ۋە ئۇكرائىنالىقلار ئۇرۇش قىلىشتىن ۋاز كەچسە، مۇستەقىل ئۇكرائىنا دۆلىتى يوقىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا پەقەت بىرلا تاجاۋۇزچى بار، ئۇ بولسىمۇ پۇتىن ۋە كىرېمىل. پەقەت مۇشۇلارلا ئۇرۇشنى توختىتىشقا مەسئۇل. بۇ رۇسىيە ئۈچۈن پايدىلىق. شۇڭلاشقا مەن پۇتىننى ئۇكرائىنادىكى بىمەنە ئۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ستولتېنبېرگ رۇسىيەنىڭ يادرو قورالى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ دۇنياغا تەھدىت سالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «كىرېمىل سارىيىنىڭ يادرو قورالى ئىشلىتىش ھەققىدىكى سۆزى ناتو دۆلەتلىرىنى ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشتىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۇرۇنۇشىدىن ئىبارەت» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا توختىلىپ: «ناتو دۆلەتلىرى ئۇكرائىنانىڭ ھامان بىر كۈنى ناتوغا ئەزا بولىدىغانلىقى، ئىشىكلەرنىڭ ئوچۇق قويۇلۇشى ۋە بۇنىڭغا موسكۋانىڭ ئەمەس، 31 ئەزا دۆلەت بىلەن ئۇكرائىنانىڭ قارار قىلىدىغانلىقى مەسىلىسىدە ھەمپىكىر، ئەمما ھازىر مەن بۇ مەسىلە ھەققىدە ھېچقانداق ۋاقىت بېرەلمەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر