ئۇكرائىنادىن پولشاغا كىرگەن پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى تەخمىنەن 12 مىليونغا يەتتى

ئۇكرائىنادىن پولشاغا كىرگەن پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى 16- مايغىچە تەخمىنەن 12 مىليونغا يەتتى، پولشادىن چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ سانىمۇ 10 مىليوندىن ئاشتى.

1987713
ئۇكرائىنادىن پولشاغا كىرگەن پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى تەخمىنەن 12 مىليونغا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا چېگرا قوغداش قىسىملىرىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان (2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى) كۆچۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئۇكرائىنادىن پولشاغا تۈنۈگۈن (16ماي) 22 مىڭ كىشىنىڭ كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا: «ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئۇكرائىنادىن پولشاغا بارغانلارنىڭ سانى 11 مىليون 911 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى» دېيىلدى.

پولشادىن ئايرىلغان ئۇكرائىنالىقلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ بولسا 10 مىليون 119 مىڭ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئۇكرائىنادىن پولشاغا بارغانلارنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ھازىر پولشادا تىزىمغا ئېلىنغان 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇكرائىنالىق بار.

80% ئۇكرائىنالىقلار پولشا خەلقىنىڭ ئۇلارغا ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما، پولشالىقلارنىڭ پاناھلانغۇچىلارغا بولغان كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ. «ئۇكرائىنالىق پاناھلانغۇچىلار ياردەمگە ئېھتىياجلىق» دەپ قارايدىغانلارنىڭ نىسبىتى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى %84 تىن %50 كە تۆۋەنلىدى.

پولشادا تۇرۇشلۇق ئۇكرائىنالىقلارنىڭ %74 ى ئۆز دۆلىتىگە قايتىشنى پىلانلىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر