ئامېرىكا رۇس خاككېر ماتۋېيېۋنى مەلۇم قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا خاككېرلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان رۇسىيە پۇقراسى مىخائىل پاۋلوۋىچ ماتۋېيېۋنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى 10 مىليون دوللارغىچە بولغان نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1987618
ئامېرىكا رۇس خاككېر ماتۋېيېۋنى مەلۇم قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى  ئامېرىكادىكى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى، شىركەتلەر ۋە ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرگە قارشى نۇرغۇن خاككېرلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان رۇسىيە پۇقراسى مىخائىل پاۋلوۋىچ ماتۋېيېۋنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى 10 مىليون دوللارغىچە بولغان نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مات مىللېر يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «رۇسىيە تور جىنايەتچىلىرىنىڭ بىخەتەر پاناھگاھى بولۇپ، يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتال ئاكتىيورلىرىنى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىك ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا زىيانلىق تور ھەرىكەتلىرىنى ئەركىن - ئازادە ئېلىپ بارىدىغان مۇھىت بىلەن تەمىنلىمەكتە» دېدى.

باياناتچى مىللېر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا تەشكىللىك جىنايى قىلمىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مۇكاپات پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، رۇسىيە پۇقراسى مىخايىل پاۋلوۋىچ ماتۋېيېۋنىڭ خەلقئارالىق تەشكىللىك جىنايى قىلمىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ سوتلىنىشىغا ياردەمچى بولىدىغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلەرگە 10 مىليون دوللارغىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاشىنگتون ۋە نيۇ جېرسىي ئىشتاتىدىكى ئىككى سوت مەھكىمىسىدە ماتۋېيېۋ ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزغانلىقىنى تىلغا ئالغان مىللېر، مەزكۇر رۇس خاككېرنىڭ يەنە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىمۇ ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر