نىگېرىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خادىملىرى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئانامبرا ئۆلكىسىدە ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خىزمەتچىلىرىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، ۋەقەدە دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، تۆت كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1987506
نىگېرىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خادىملىرى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرى، ئانامبرا ئۆلكىسىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ ئوگبارۇ رايونىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، ۋەقەدە تۆت كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكانىڭ ئابۇجادىكى ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا خادىملىرىنىڭ نىگېرىيە بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىئافرا يەرلىك خەلقى ناملىق تېررورلۇق تەشكىلاتى بۇ خىل ھۇجۇملارنى پات – پاتلا سادىر قىلىپ تۇرىدۇ.

بىئافرا خەلقىنىڭ نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلىپ باشلىغان ئىسيانى پەيدا قىلغان 1967 - يىلىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا مىليونلىغان ئادەم قازا قىلغانىدى.

1967 - يىلى دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا قۇرۇلغان بىئافرا جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قايتىدىن نىگېرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاستىغا قايتىپ كەلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر