ئامېرىكا ئىراننىڭ رۇسىيەنى ھەربىي جەھەتتىن قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئاقساراي (ئامېرىكا) رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1987173
ئامېرىكا ئىراننىڭ رۇسىيەنى ھەربىي جەھەتتىن قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى توردا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «ئىراننىڭ يەنىلا رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي قوللىغۇچىسى» ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ رۇسىيەنى كامىكازې ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كىربى ئىراننىڭ ئاۋغۇست (2022) تىن بۇيان ئاساسلىقى «گۇۋاھچى» تىپلىق بولۇپ رۇسىيەنى 400 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى،  موسكۋانىڭ بۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇكرائىنانىڭ مۇھىم ئۇل- ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

جون كىربى ئىران «ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكا خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان» بۇ ئىلغار تىپتىكى قوشۇمچە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى موسكۋاغا سېتىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، رۇسىيەنىڭ ئۇلارنى ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشتا ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئىراننى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار، ئېلېكتىرون ۋە ھاۋا مۇداپىئە ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، تېھراننىڭ موسكۋادىن مىلياردلارچە دوللارلىق ھەربىي ئەسلىھە ياردىمىگە ئېرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا شەرقنىڭمۇ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋاشىنگتوننىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي سودىسى بىلەن چېتىشلىق كىشى ۋە ئورگانلارغا قارشى قەدەم تاشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كىربى، ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭمۇ ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى پىروگراممىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە ياردەمچى بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر