ب د ت تۈركىيەنىڭ ئاشلىق كېلىشىمىگە قوشقان تۆھپىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

مارتىن گىرىفىتىس تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى ئۈچۈن نامايان قىلغان «تىرىشچانلىقى، كۈچى ۋە ئىرادىسى» گە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1986873
ب د ت تۈركىيەنىڭ ئاشلىق كېلىشىمىگە قوشقان تۆھپىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە جىددىي ياردەم بېرىش ئىشلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى مارتىن گىرىفىتىس، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى ئۈچۈن نامايان قىلغان «تىرىشچانلىقى، كۈچى ۋە ئىرادىسى»گە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

گىرىفىتىس ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئىنسانىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى يىغىنىدا سۆز قىلدى؛ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىش مەقسىتىدە قويۇق سۆھبەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن گىرىفىتىس: «قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ داۋاملىشىشى ئىنتايىن مۇھىم. بىز ھەر قايسى تەرەپلەرنى مەشغۇلاتنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمىز. دۇنيا بىزنى كۆزىتىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاشلىق كېلىشىمىدە باشتىن تارتىپ موھىم رول ئوينىغان تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاشلىق سۆھبىتىگىمۇ ئىستانبۇلدا ساھىبخانلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كېلىشىمنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، كۈچى ۋە ئىرادىسىگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

گىرىفىتىس مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تۈرتكىسىدە 30 مىليون توننىدىن ئارتۇق يۈكنىڭ ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن بىخەتەر ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇلارنىڭ %55 ىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە، %6 تىنىڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، دۇنيا يېمەكلىك ۋە دېھقانچىلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يېقىنقى 12 ئاي ئىچىدە يەر شارى ئاشلىق باھاسىنىڭ %20 تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر