ستولتېنبېرگ ناتو ئەزالىرىنىڭ مۇداپىئە چىقىملىرىنى ئاشۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى–ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ۋىلنيۇس باشلىقلار يىغىنىدا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ كەم دېگەندە ئىككى پىرسەنتىنى دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئاجرىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى

1986740
ستولتېنبېرگ ناتو ئەزالىرىنىڭ مۇداپىئە چىقىملىرىنى ئاشۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ دانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كوپېنھاگېن دېموكراتىيە باشلىقلار يىغىنى ئىشتىراكچىلىرىغا تېلېفون ئارقىلىق خىتاب قىلدى؛ ئۇ ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىيۇلدا لىتۋا پايتەختى ۋىلنىيۇستا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان باشلىقلار يىغىنى ھەققىدىكى مۆلچەرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «مەن ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان سىياسىي، ئەمەلىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى قوللىشىنى كۈچەيتكەن ھالدا داۋاملاشتۇرۇشنى، ھەمدە ۋاز كەچتۈرۈش كۈچىمىز ۋە مۇداپىئەمىزنى كۈچەيتىشنىڭ يېڭى پىلانلىرى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىنى كۈتمەكتىمەن» دېدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ كەم دېگەندە ئىككى پىرسەنتىنى دۆلەت مۇداپىئەسىگە مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بېرىشىگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ بالدۇرراق يولغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى ۋە ۋىلنىيۇستىكى يىغىندا «بۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر 10 يىل ۋاقىتنىڭ قالمىغانلىقى»نىڭ سىگنالىنى بېرىدىغانلىقى تەكىتلىدى.

ئىتتىپاقداشلار بۇ ھەقتىكى سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ستولتېنبېرگ، باشلىقلار يىغىنىدا بۇ ھەقتە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر