زامبىيەدىكى قاتناش ۋەقسىدە 24 كىشى قازا قىلدى
زامبىيەدە دىنىي مۇراسىمغا كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئولتۇرغان ئاپتوبۇس يۈك ئاپتوموبىلىغا سوقۇشۇپ كېتىپ 24 كىشى قازا قىلدى.
1986068
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: زامبىيەنىڭ سىئاۋونگا يېزىسىدا بىر چېركاۋدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان دىنىي مۇراسىمغا قاتنىشىدىغان يولۇچىلارنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇس يۈك ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇپ كەتتى. ھادىسىدە 24 كىشى قازا قىلىپ، شوپۇرنى قوشقاندا جەمئىي 12 كىشى ئېغىر يارىلاندى.
زامبىيەدىكى يوللارنىڭ ناچارلىقى ۋە ئېھتىياتسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش سەۋەبىدىن قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ
يېڭى زېلاندىيە غەززەگە 5 مىليون دوللار قوشۇمچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ.