ب د ت: ئاشلىق تولۇق يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلەيمىز

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارادېڭىز ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمىنىڭ تولۇق يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1985571
ب د ت: ئاشلىق تولۇق يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى ۋە جىددىي ئەھۋالغا ياردەم بېرىش ماسلاشتۇرغۇچىسى مارتىن گىرىفتىس ب د ت نىڭ قارادېڭىز ئاشلىق يۆتكەش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشى، ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ تولۇق يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى ۋە جىددىي ئەھۋالغا ياردەم بېرىش ماسلاشتۇرغۇچىسى مارتىن گىرىفتىس 10-مايدىن 11-مايغىچە تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن قارادېڭىز ئاشلىق يۆتكەش پائالىيەتلىرى يىغىنىدا سۆز قىلغان.

ئۇ سۆزىدە، قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ يەر شارىۋى ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىقى نەتىجىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان ئۇكرائىنادىن 30 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئاشلىق ۋە يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەر ئېكسپورت قىلىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى تەبرىكلىگەن.

تولگلىئاتتى-ئودېسسا ئامونياك تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كېلىشىم مۇددىتىنى ئۇزارتىش، پائالىيەتلەرنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا، مارتىن گىرىفتىس ئاشلىق ۋە ئوغۇت ئېكسپورتىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرى ئۈچۈن رۇسىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

گىرىفتىس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارادېڭىز ئاشلىق يۆتكەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئاشلىق كېلىشىمىنى تولۇق يولغا قويۇش ئۈچۈن ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن داۋاملىق يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇكرائىنا مىللەتلەر، رايونلار ۋە ئۇل ئەسلىھە تەرەققىياتى مىنىستىرى ئالېكساندىر كۇبراكوۋ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قارادېڭىز ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بايان قىلدى.

كۇبراكوۋ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇزاكىرىلەرنى توردا داۋاملاشتۇرۇش توغرىلىق تەكلىپ سۇنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنا ھەيئىتى ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ھەمدە كېچىكتۈرمەستىن پاراخوتلارنى تىزىملاش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر