شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيەگە تەۋە 10 زاۋۇتنى قانۇنسىز ئىشلەتمەكتە

جەنۇبىي كورېيە چېگرا شەھىرى كايسوڭدا جەنۇبىي كورېيە سودا – سانائەتچىلىرىگە تەۋە 10 زاۋۇتنىڭ شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن رۇخسەتىسىز ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1984512
شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيەگە تەۋە 10 زاۋۇتنى قانۇنسىز ئىشلەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورېيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، چېگرادىكى كايسوڭ سانائەت رايونىدا جەنۇبىي كورېيەگە تەۋە 10 زاۋۇتنى شىمالىي كورېيەنىڭ قانۇنسىز ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا دائىر پاكىتلارنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مىنىستىرلىق جەنۇبىي كورېيە سودا - سانائەتچىلىرىنىڭ مال - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇنىي ھەرىكەت باشلايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئاخباراتقا بايانات بەرگەن جەنۇبىي كورېيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر ۋە ئىستىخباراتلارنىڭ زاۋۇتلارنى شىمالىي كورېيەنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ خەۋىدە، 20-ئاپرېل (2023) دا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتلەردىن كايسوڭ سانائەت رايونىدىكى 21 بىنانىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئىككى كورېيە ئارا يارىشىش مۇساپىسىنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ زاۋۇتلار 2004-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىلانى ۋە يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى توختىتىشى بەدىلىگە 2016-يىلى فېۋرالدا تاقالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر