ب د ت تۈركىيەنىڭ خارتۇمدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ماشىنىسىغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تۈركىيەنىڭ خارتۇمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىسمائىل چوبانئوغلۇ ئولتۇرغان دىپلوماتلار ماشىنىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

1984374
ب د ت تۈركىيەنىڭ خارتۇمدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ماشىنىسىغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى فارخان ھەق دىپلوماتلارنىڭ ماشىنىلىرىغا قىلىنغان  ھۇجۇم ھەققىدە توختىلىپ: «بىز ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيەنىڭ دىپلوماتلار ماشىنا ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دىپلوماتىك خادىملارغا قىلىنغان ھەر خىل ھۇجۇملارنى ئەيىبلەيمىز» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ ئەستايىدىل تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈنۈگۈن تۈركىيەنىڭ سۇداندىكى ئەلچىخانىسىغا يېقىن جايدا سۇداندا تۈركىيەنىڭ خارتۇمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئولتۇرغان ماشىنىغا ئوق چىقىرىلغانىدى.

سۇداندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ (ئارمىيە بىلەن تېز ياردەم بېرىش قىسىملىرى) بىر – بىرىنى باش ئەلچى چوبانئوغلۇ ئولتۇرغان دىپلوماتىك ماشىنىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ باش ئەلچى ئىسمائىل چوبانئوغلۇنىڭ ماشىنىسىغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسى توغرىسىدا توختىلىپ: «مەيلى باش ئەلچىمىز مەيلى قوغدىغۇچى دوستلار ياكى ئالاھىدە قىسىملىرىمىز بولسۇن، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھېچبىرى يارىلانمىدى، ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچرىدى» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر