مېكسىكادا بىر ئۆيگە سولاپ قويۇلغان 113 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

مېكسىكا بىخەتەرلىك كۈچلىرى سونورا ئۆلكىسىدىكى بىر ئۆيگە قاماپ قويۇلغان 113 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

1983832
مېكسىكادا بىر ئۆيگە سولاپ قويۇلغان 113 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا مەتبۇئاتلىرى، مېكسىكا ساقچىلىرىنىڭ ۋەقە مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن، سونورا ئۆلكىسىنىڭ سان لۇئىس رىئو كولورادو بازىرىدىكى كۆچمەنلەر مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، 113 كۆچمەننى تىرىك قۇتۇلدۇرۇۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

دائىرىلەر قۇتقۇزۇۋېلىنغان كىشىلەرنىڭ كولومبىيە، بىرازىلىيە، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى، كۇبا، سالۋادور، ئېكۋادور، ھوندۇراس، ھىندىستان، نېپال ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەتلىك كۆچمەنلەر ئىنستىتۇتىغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئادەم ئەتكەسچىسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بەش كىشى، ساقچىلارنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر