ب د ت تەرەپلەرنى ئاشلىق كېلىشىمى سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەرقايسى تەرەپلەرنى قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ تولۇق يولغا قويۇلۇشى ۋە داۋاملىشىشى ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى.

1983345
ب د ت تەرەپلەرنى ئاشلىق كېلىشىمى سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇئاۋىن باش كاتىپى فارخان ھەق كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىستانبۇلدىكى بىرلەشمە ئاشلىق يۆتكەش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مەركىزىدە يېڭى پاراخوتلارنىڭ ئاشلىق يۆتكەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئىلگىرى ھوقۇق بېرىلگەن پاراخوتلار ئارقىلىق داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەق تۈركىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن كېلەر ھەپتە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن ئۈچۈن تەييارلىق خىزمىتى يىغىنىنىڭ بۈگۈن ئىستانبۇلدا ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېسنىڭمۇ «ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ۋە ئاشلىق يۆتكەش پائالىيەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى ياخشىلاش ھەم كېڭەيتىش» توغرىسىدا بارلىق تەرەپلەرگە تەكلىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ««قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ تولۇق يولغا قويۇلۇشى ۋە داۋاملىشىشى ئۈچۈن، ھەرقايسى تەرەپلەرنى بۇ ھەقتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش نىشان قىلىنغان سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىمىز.»

ھەق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كونفېرانسى باش كاتىپى رېبېككا گرېنسپاننىڭمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى توغرىسىدا  بۈگۈن موسكۋادا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ گرېنسپاننىڭ رۇسىيە مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي ۋېرشىن بىلەن كۆرۈشۈپ، رۇسىيەنىڭ يېمەكلىك ۋە ئوغۇت ئېكسپورتىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر