ب د ت: سۇداندىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن سۇداندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1982618
ب د ت: سۇداندىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋولكېر تۈرك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدا چاقىرىلغان «تىنچلىقنى قوغداش» تېمىلىق يىغىندا قىلغان سۆزىدە، سۇدان ئارمىيەسىنىڭ دوختۇرخانا ئەتراپىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى، تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ بولسا ئولتۇراق رايونلارنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى، ئاھالىلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ پۇقرالارنىڭ ئېغىر خەتەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مۇھىم ياردەم ۋە ئاشلىققا ئېرىشىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «قىسقىسى، پۇقرالارنى ئايرىش، كۈچ تەڭپۇڭلۇقى نىسبىتى ۋە خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىلىرى ھەر ئىككى تەرەپ تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنماقتا، مەن بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن.»

ۋولكېر تۈرك سۇداندا ئىشەنچنىڭ يوق قىلىنغانلىقىنى، شۇڭا سۇداننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئورگانلار بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن سۇداندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر، بۇ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر.»

ئۇ سۇداندا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى كاپالەت ئاستىغا ئالغان، ناتوغرا قىلمىشلارغا خاتىمە بەرگەن، ئاممىنىڭ جەمئىيەت ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا ئاندىن نۆۋەتتىكى كرىزىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سۇداندا 2013 – يىلى دارفۇر رايونىدىكى قوراللىق ئىسيانچىلارغا قارشى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى قوللاش مەقسىتىدە قۇرۇلغان تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ ئارمىيەگە تولۇق داخىل بولۇشى مەزمۇن قىلىنغان «ھەربىي بىخەتەرلىك ئىسلاھاتى» پىلانى مەسىلىسىدە، يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىختىلاپ، 15 – ئاپرېل ئەتىگەندىن باشلاپ قاتتىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەنىدى.

توقۇنۇشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 550 كە، يارىلانغانلار سانىنىڭ بولسا 4926 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر