كرېمىل: ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە كىرىزىسىنى  ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى دائىرىسىدىلا ھەل قىلىش مۇمكىن

كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ ئەزەربەيجان -  ئەرمېنىيە كىرىزىسىنى پەقەت رۇسىيە بىلەن ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى دائىرىسىدىلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1982094
كرېمىل: ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە كىرىزىسىنى  ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى دائىرىسىدىلا ھەل قىلىش مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى، ئەمما بۇ مەسىلىنىڭ پەقەت رۇسىيە بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىلا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

پېسكوۋ جەنۇبىي كاۋكاز رايونى مەسىلىسى دائىرىسىدە، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

پېسكوۋ رۇسىيەنىڭ ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمدىن سىرت، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيە ئوتتۇرىسىدىكى يارىشىشقا تۆھپە قوشىدىغان باشقا ھېچقانداق بىر قانۇنىي ئاساسنىڭ يوقلۇقىنى، جۈملىدىن ھازىرچە بۇ ھۆججەتلەردىن باشقا تاللاشنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە رايوندىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە قارىتا پەقەت رۇسىيە بىلەن ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ ھۆججەتلىرى ئاساسىدىلا  قەدەم تاشلاش مۇمكىن.»

ئۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى توغرىسىدا توختالغاندا، كىرىزىسنى ھەل قىلىش چارىسىگە ئالاقىدار ھەر قانداق ياردەمنىڭ قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئەمما بىز، بۇ يارىشىشنىڭ ئاساسىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر خىل ئۇرۇنۇشلارنىڭ بارلىقىنىمۇ ئوبدان بىلىمىز، بۇ ئۇرۇنۇشلار ئۇزۇن مۇددەت ئىشقا يارىماسلىقى مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر