پاكىستاندا سۇ ئاپەتلىرىدە سەككىز كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

پاكىستاندا شىددەتلىك ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى سەككىزگە يەتتى.

1981627
پاكىستاندا سۇ ئاپەتلىرىدە سەككىز كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بېلۇچىستان ئىشتاتىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا 30-ئاپرېلدىن تارتىپ ياغقان يامغۇردىن كېيىن، مۆلدۈر ياغدى. يۈز بەرگەن ئاپەتلەردە يەنە ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى سەككىزگە چىقتى.

شىددەتلىك ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان سەللەردە، نۇرغۇن دېھقانچىلىق ھايۋانلىرىمۇ ئۆلدى.

30-ئاپرېل بېلۇچىستاننىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا بەرگەن سۇ ئاپەتلىرىدە بەش كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، ئونلارچە ئۆي ۋە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.


خەتكۈچ: #مۆلدۈر , #سەل

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر