پاكىستاندىكى سەل ئاپىتىدە 5 كىشى قازا قىلدى

پاكىستاندا شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 5 كىشى قازا قىلدى.

1981251
پاكىستاندىكى سەل ئاپىتىدە 5 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايونلۇق ئاپەتنى باشقۇرۇش ئورگىنى (PDMA) نىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدە 24 سائەت  داۋاملاشقان شىدددەتلىك يامغۇرنىڭ كەلكۈنگە سەۋەب بولغانلىقى  بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، كەلكۈن ۋە ھۆل-يېغىن سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەدە بالۇچىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق خۇجداردا 2 كىشى، لابەللادا 2 كىشى ۋە كېچتە 1 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن بالۇچىستان قاتنىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىككى ئاساسلىق يولنىڭ تاقىلىشى نەتىجىسىدە ئۆلكىنىڭ باشقا شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى ۋە كەم دېگەندە 10 رايوندىكى ئۆي ۋە دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بالۇچىستاندا 19 – مارتتىمۇ قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن، بىرلا ئائىلىدىن 8 كىشىنى قوشقاندا، جەمئىي 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر