بلىنكېن ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە رەھبەرلىرى  بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنى سۆھبەتلەشتى.

1981267
بلىنكېن ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە رەھبەرلىرى  بىلەن سۆھبەتلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مات مىللېر مىنىستىر بلىنكېننىڭ ئەرمېنىيە ۋە ئەزەربەيجان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مىللېر ئايرىم-ئايرىم ئېلان قىلغان ئىككى باياناتىدا، بلىنكېننىڭ ھەر ئىككى رەھبەرگە ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكانىڭ قوللاش ۋەدىسىنى قايتا ئەسكەرتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىللېر ئەلىيېۋ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ھەققىدىكى باياناتىدا: «بلىنكېن تىنچلىقنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ھەمبەھىرلىدى. ئۇ يەنە لاچىن كارىدورىدا بىر تەكشۈرۈش پونكىتى تەسىس قىلىپ، تىنچلىق مۇساپىسىگە بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە ھېس قىلغانلىقىنى شۇنداقلا لاچىن كارىدورىنى سودا ۋە خۇسۇسىي ئاپتوموبىللارغا بالدۇرراق ئېچىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى» دېدى.

مىللېر پاشىنيان بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتكە دائىر باياناتىدا بولسا: «بلىنكېن جەنۇبىي كاۋكازدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيە ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى. ئۇ يەنە باش مىنىستىرنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە بولغان ساداقىىتىنى ماختايدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر