ئالبانىيە باش مىنىستىرى: ئەردوغان تۈركىيە ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە خىزمەتلەرنى ئىشلىدى

ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى راما تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

1980906
ئالبانىيە باش مىنىستىرى: ئەردوغان تۈركىيە ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە خىزمەتلەرنى ئىشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى راما گىرېتسىيەدە چاقىرىلغان دېلفى ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە 14 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلاملىرىنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا دائىر مۇنازىرىگە داخىل بولۇشنى قەتئىي خالىمايمەن. ئەمما مېنىڭچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، ۋەتىنى ئۈچۈن ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۈركىيەنى مىسلىسىز دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇردى.»

راما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە تالاش – تارتىش قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەگە (ياۋروپا ئىتتىپاقىغا) ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىڭىز كېرەك> دېيىلگەن بىر پەيتتە يۈز بەرگەن ئىشلار بۇنىڭ دەل ئەكسىچە ئىدى؛ تۈركىيە رەھىمسىزلەرچە ئىشىكنىڭ ئارقىسىغا تەرك ئېتىلدى. كېيىن (2016 – يىلقى فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ) سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تيەشەببۇسى، ئەردوغاننىڭ ئۆزىنى يالغۇز تاشلىۋېتىلگەندەك ھېس قىلىشى قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن مەزگىل پەۋقۇلئاددە تەسىرگە ئىگە ئىنتايىن ھالقىلىق بىر پەيت ئىدى. يەنى بۇ تولىمۇ مۇرەككەپ بىر مەزگىل ئىدى. ئەمما شۇ ھەقىقەتنى ئەسلا ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، مەيلى ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە بولسۇن، مەيلى ئەردوغانسىز بولسۇن، تۈركىيە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە شەك – شۈبھىسىز ھالدا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.»

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ دوستى ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر