رۇسىيەدە ۋەتەنگە خىيانەت قىلغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋەتەنگە خىيانەت قىلغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش قارارنامەسىنى ئىمزالىدى.

1980944
رۇسىيەدە ۋەتەنگە خىيانەت قىلغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەتلىك قانۇن ئۇچۇر سىستېمىسىدا ئېلان قىلىنغان قارارنامەگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيەدە ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش جىنايىتى سادىر قىلغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن.

بۇ قارارنامەگە ئاساسەن، تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلارغا بېرىلىدىغان 15 يىللىق قاماق جازاسى 20 يىلغا چىقىرىلىدىكەن. خەلقئارالىق تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلارغا بولسا جىنايەت ئەھۋالىغا قاراپ 12 يىللىقتىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغىچە جازا بېرىلىدىكەن.

 

تېررورلۇققا تەشۋىق قىلىش جىنايىتى سادىر قىلغانلارغا 5 يىلدىن 7 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قاتناشقانلارغا 10 يىلدىن 15 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر