ئىران مارشال تاقىم ئاراللىرى بايرىقى ئېسىلغان بىر نېفىت پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى

ئىران مارشال تاقىم ئاراللىرى بايرىقى ئېسىلغان بىر نېفىت پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

1980560
ئىران مارشال تاقىم ئاراللىرى بايرىقى ئېسىلغان بىر نېفىت پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دېڭىز ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇسادىرە قىلىنغان نېفىت پاراخوتىنىڭ تۈنۈگۈن كېچە پارس قولتۇقىدا بىر ئىران كېمىسى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئىران پاراخوتىدىكى ئىككى ئىرانلىقنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ۋەقەدىن كېيىن رايوندىن يىراقلاشقان مەزكۇر پاراخوتنىڭ ئىران دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئومان دېڭىزىدا بايقالغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، مارشال تاقىم ئاراللىرى بايرىقى ئېسىلغان نېفىت پاراخوتىنىڭ «خەلقئارا دېڭىز قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن» ئىران ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، مۇسادىرە قىلىنىپ، ئىران قىرغىقىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ مارشال تاقىم ئاراللىرى بايرىقى ئېسىلغان «Advantage Sweet» ناملىق نېفىت پاراخوتنى ئومان قولتۇقىدىكى خەلقئارا دېڭىزدا كېتىۋاتقاندا مۇسادىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر