مېكسىكا ئامېرىكا تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان كۆچمەنلەرگە مۇداخىلە قىلدى

مېكسىكا بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئامېرىكا تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان يۈزلەرچە تەرتىپسىز كۆچمەنگە مۇداخىلە قىلدى.

1980605
مېكسىكا ئامېرىكا تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان كۆچمەنلەرگە مۇداخىلە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا مەتبۇئاتلىرى، كۆپىنچىسى ۋېنېزۇئېلالىقلاردىن تەركىب تاپقان يۈزلەرچە كىشىنىڭ مېكسىكانىڭ ماتاموروس شەھىرىدىن ئۆلچەمسىز كېمە ۋە كامېرلارغا ئولتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنى ئايرىپ تۇرىدىغان رىئو گراندې دەرياسىدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، مېكسىكا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ تېكساسنىڭ بروۋنسۋىل ناھىيەسىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان مەزكۇر قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە مۇداخىلە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئۆز دۆلىتىدىكى زوراۋانلىق، نامراتلىق ۋە سىياسىي مۇقىمسىزلىقتىن قېچىپ كەلگەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن كۆچمەنلەر، بىر ئاماللارنى قىلىپ ئامېرىكا تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن، چېگرا رايونلىرىدا كۈتۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مېكسىكا دۆلەتلىك كۆچمەنلەر ئىنستىتۇتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن كۆچمەنلەرنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە كۆچمەنلەرنىڭ رەسمىي ئىلتىماس قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر