ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نورۋېگىيەگە قورال-ياراغ سېتىشنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نورۋېگىيەگە 1 مىليارد 166 مىليون دوللار قىممىتىدە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى.

1980185
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نورۋېگىيەگە قورال-ياراغ سېتىشنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق ئاگېنتلىقى نورۋېگىيەگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشنىڭ تەستىقلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نورۋېگىيەگە قىممىتى تەخمىنەن 1 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق بولغان <MH-60R> تىپلىق تىك ئۇچار ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى» دېيىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىشى، ئامېرىكا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھېچقانداق مەسىلىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئامېرىكا كونگرەسى ناتو ئەزالىرىغا 15 كۈن، ناتو ئەزاسى بولمىغان دۆلەتلەرگە 30 خىزمەت كۈنى ئىچىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرمىگەن ئەھۋالدا، ھۆكۈمەت سېتىپ بېرىش تەستىقلانغان دۆلەت بىلەن سېتىش پىلانى ۋە تەمىنلەش مۇساپىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلىرىنى باشلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر