ئاقساراي كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى

ئاقساراي (ئامېرىكا) كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1979237
ئاقساراي كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربىي بايانات ئېلان قىلىپ: رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكانىڭ يېقىندا شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيەنى مەخپىي ھالدا ئوق - دورا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كىربى: «بىز بۇ ئەھۋالنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان باشقا ھېچ نەرسە كۆرمىدۇق. بىز كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە سۈركىلىشنى پەسەيتىشنى زۆرۈر دەپ قارايمىز. كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى تۆۋەنلىتىدىغان ھەر قانداق كۈچ ھېچكىمگە پايدىلىق ئەمەس» دېدى.

ئۇ جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئۇكرائىنانى قوللىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئۇكرائىناغا 200 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىز مۇھىم. ئۇلار رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى ئەيىبلەشنىڭمۇ ئالدىنقى سېپىدىن  ئورۇن ئالدى، بىز بۇنىڭدىن مىننەتدار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر