ئامېرىكادا يېپىق ماشىنا توختىتىش ئورنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ،  نۇرغۇن كىشى يارىلاندى

ئامېرىكا نيۇ يورك شەھىرىنىڭ مانخاتون رايونىدا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن يېپىق ماشىنا توختىتىش ئورنىدا بىر كىشى قازا قىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

1976956
ئامېرىكادا يېپىق ماشىنا توختىتىش ئورنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ،  نۇرغۇن كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇ يورك شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى (FDNY) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مانخاتوننىڭ جەنۇبىدىكى يېپىق ماشىنا توختىتىش ئورنى قىسمەن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، بىر كىشى قازا قىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بىنادا ئالتە ئىشچى بار بولۇپ، ئۇلاردىن تۆت نەپىرى دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان، بىر نەپىرى داۋالاشنى رەت قىلغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن كۆرۈنۈشلەردە، بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ئەسناسىدا بىنا خارابىلىقى قالدۇقلىرىنىڭ ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ ۋاقىرىشىۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ.  

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېقىن پېيس ئۇنىۋېرسىتىتىمۇ ۋەقە سەۋەبىدىن دەرسلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتلىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بۇ رايوندىن يىراق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر