گېرمانىيە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئۇكرائىناغا يەتكۈزدى
گېرمانىيە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئۇكرائىناغا يەتكۈزدى.
1976890
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىناغا يېڭى ھەربىي ياردەملەرنى بېرىش ۋەدىسىگە ئاساسەن، «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق ھاۋا سىستېمىلىرى، ئوق – دورىلار، 16 زېتروس يۈك ئاپتوموبىلى، ئىككى چېگرا قوغداش ئاپتوموبىلى ئۇكرائىناغا يەتكۈزۈلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 2022-يىلى 1-يانۋاردىن 2023-يىلى 17 – ئاپرېلغىچە 2 مىليارد 700 مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى قورال - ياراغ ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئۇكرائىناغا يەتكۈزۈپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىغان.