بېيجىڭدىكى بىر دوختۇرخانىدا كۆيۈپ ئۆلگەن خىتايلارنىڭ سانى  29 غا يەتتى

خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدىكى بىر خۇسۇسىي دوختۇرخانىنىڭ بالنېست بۆلۈمىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان خىتايلارنىڭ سانى 29 غا يەتتى.

1976889
بېيجىڭدىكى بىر دوختۇرخانىدا كۆيۈپ ئۆلگەن خىتايلارنىڭ سانى  29 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «بېيجىڭ كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دائىرىلەر فىڭتەي رايونىدىكى بېيجىڭ چاڭفىڭ دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە يەنە، 8 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسەن، ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان دەسلەپكى 21 كىشى 29  كىشىگە ئۆرلىگەن.

ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن دوختۇرخانا بىناسىنىڭ شەرقىي قانىتى تاقالغان، ئامبۇلاتورىيە مۇلازىمىتى توختىتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، دوختۇرخانا قارمىقىدىكى شىركەتنىڭ پاي سودىسى توڭلىتىلغان.

تۈنۈگۈن (18-ئاپرېل) يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، 71 بىمار قۇتقۇزۇۋېلىنغان ۋە تارقاقلاشتۇرۇلغان ئىدى.

ئوت ئاپىتى جەريانىدا، دوختۇرخانا بىناسىنىڭ دېرىزىسىدىن ئەدىياللارنى تانا قىلىپ ساڭگىلىغان ۋە بىنا تېمىغا سوزۇلغان شوتىلارغا يەتمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئىدى.

ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى تېخىچە ئېنىقلانمىدى، ۋەقەنى تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر