ماكرون فىرانسىيەدە كۈچلۈك نارازىلىقلارنى پەيدا قىلغان پىنسىيونېرلىق ئىسلاھاتىنى ئاقلىدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون تالاش- تارتىشلىق پىنسىيونېرلىق ئىسلاھاتىنىڭ «زۆرۈر» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1976554
ماكرون فىرانسىيەدە كۈچلۈك نارازىلىقلارنى پەيدا قىلغان پىنسىيونېرلىق ئىسلاھاتىنى ئاقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون تېلېۋىيە نۇتۇقىدا، دۆلەت مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىنسىيە يېشىنى 62 ياشتىن 64 ياشقا چىقىرىش ئىسلاھاتىغا قارشى نامايىشلار ھەققىدە توختالدى.

ئۇ ئىسلاھات كەلتۈرۈپ چىقارغان غەزەپنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما بۇ بەلگىلىمىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «كۆپچىلىكنىڭ پېنسىيەگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ئېھتىياج بار ئىدى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئۇزۇن خىزمەت قىلىشنىڭ پۈتكۈل دۆلەت ئۈچۈن تېخىمۇ زور گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مال باھاسىنىڭ ئۆسكەنلىكى ۋە كىرىمنىڭ نۇرغۇن فرانسىيەلىكلەرنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە يول قويمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ماكرون، سۆزىنىڭ دۆلەتنىڭ نامايىش ۋە ئىش تاشلاش دەۋرىدىن يىراقلىشىشىغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۆكۈمەتنىڭ پېنسىيە يېشىنى 62 ياشتىن 64 ياشقىچە چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويماستىنلا پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش ق قارارىدىن كېيىن، 16- مارت فىرانسىيەدە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار باشلىنىپ كەتكەنىدى.

فىرانسىيەدە 16- مارتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا 1000 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر