پۇتىن خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ ئىككى دۆلەت ھەربىي ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1975934
پۇتىن خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل  يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ پايتەخت موسكۋادا خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ساھەدىكى ھەمكارلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ھەربىي قىسىملىرىمىز ۋاسىتىسى بىلەن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلىۋاتىمىز، مۇنتىزم ھالدا پايدىلىق ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇۋاتىمىز، ھەربىي- تېخنىكا ساھەسىدە ھەمكارلىشىۋاتىمىز ۋە بىرلەشمە مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز» دېگەن.

مەزكۇر مانېۋىرلارنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن يىراق شەرق ۋە ياۋروپادا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان پۇتىن: «شۈبھىسىزكى، بۇمۇ مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىشەنچنى ئاساس قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ماھىيىتىنى كۈچەيتىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم ساھەسى» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

لى سۆھبەت جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ھەربىي ساھە ھەمكارلىقىنىڭ كۈنسېرى كۈچەيگەن ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ۋە ھەربىي- تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى يېقىندىن بۇيان ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى. بۇ ئەھۋال يەر شارى ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە زور تۆھپە قوشىدۇ» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر