خىتاي رۇسىيەگە قورال ساتماسلىققا ۋەدە بەردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىڭ گاڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ ئېھتىياتچان ۋە مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىي تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،  توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ھېچبىرىگە قورال ساتماسلىققا ۋەدە بەردى.

1975424
خىتاي رۇسىيەگە قورال ساتماسلىققا ۋەدە بەردى
cin gang.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىڭ گاڭ خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بائېربوك بىلەن تيەنجىندە كۆرۈشكەندىن كېيىن، چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ توقۇنۇشنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

چىڭ گاڭ خىتاينىڭ قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا ئېكسپورتىغا قارىتا ئېھتىياتچان ۋە مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاي توقۇنۇشنىڭ ھېچقايسى تەرىپىنى قورال بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، شۇنداقلا قانۇن-نىزاملار بويىچە قوش فۇنكسىيەلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتىنىمۇ كونترول قىلىدۇ» دېدى.

ئۇكرائىنا كرىزىسىدا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ھەرىكەت قىلىشى ۋە جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىدىغان قەدەملەردىن ساقلىنىپ، تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىگە رىغبەتلەندۈرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن چىڭ گاڭ: «ئەگەر بىر تەرەپنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتى كۆزدە تۇتۇلمىغان تەقدىردە، كرىزىس ۋە توقۇنۇشلار مۇقەررەر بولىدۇ» دېدى.

چىڭ گاڭنىڭ سۆزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەگە قورال سېتىپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئوچۇق باياناتى دەپ قارالماقتا.

گېرمانىيە مىنىستىرى بايېربوكمۇ خىتاينىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاينىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى تەكىتلىىشى ياخشى ئىش، لېكىن خىتاينىڭ نېمىشقا ھازىرغا قەدەر  تاجاۋۇزچى رۇسىيەگە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش چاقىرىقىدا بولمىغانلىقىغا قىزىقىمەن» دەپ كىنايە قىلدى.

بائېربوك ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ رۇسىيەگە بولغان تەسىرىنى ئىشقا سېلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ: «خىتايدىن سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراننىڭ تىنچ يارىشىشىدا رول ئوينىغانغا ئوخشاش رۇسىيەنىڭمۇ تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىشىغا ۋە توقۇنۇشنى تىنچ  يول بىلەن ھەل قىلىشقا قايىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر