نىگېرىيەدە تۇتقۇن قىلىنغان 80 كىشى ئۈچۈن فىدىيە تەلەپ قىلىندى

نىگېرىيەنىڭ زامفارا ئۆلكىسىدە 7-ئاپرېل كۈنى يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۇتقۇن قىلىنغان كەم دېگەندە 80 كىشى ئۈچۈن فىدىيە تەلەپ قىلىندى.

1972876
نىگېرىيەدە تۇتقۇن قىلىنغان 80 كىشى ئۈچۈن فىدىيە تەلەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قوراللىق كىشىلەر 7 – ئاپرېل كۈنى زامپەرا ئۆلكىسىنىڭ ۋانزاماي يېزىسىدا تۇتقۇن قىلغان كەم دېگەندە 80 كىشىنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن 30 مىليون نىگېرىيە نايراسى فىدىيە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

قوراللىق كىشىلەر فىدىيە بېرىلمىگەن تەقدىردە تۇتقۇن قىلىنغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈش بىلەن تەھدىت سالغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، زامپارا ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بېللو ماتاۋاللې رايوندا تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

قوراللىق كىشىلەرنىڭ 7 – ئاپرېل كۈنى زامپارا ئۆلكىسىنىڭ ۋانزاماي يېزىسىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا كۆپىنچىسى ئايال ۋە بالىلار بولۇپ، كەم دېگەندە 80 كىشى تۇتقۇن قىلىنغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالاندۇرۇلىدىغان بولۇشىغا قارىماي، نىگېرىيەدە تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرى دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.

دۆلەت ئىچىدە كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، قوراللىق كىشىلەرگە فىدىيە بېرىش چەكلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر