جەنۇبىي كورېيەدە دالا ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش تىرىشچانلىقى داۋاملاشماقتا

جەنۇبىي كورېيەنىڭ ساھىل شەھىرى گاڭنېڭدا نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىشىغا  ۋە يۈزلىگەن كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغان ئورمان ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش تىرىشچانلىقى داۋاملاشماقتا.

1973087
جەنۇبىي كورېيەدە دالا ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش تىرىشچانلىقى داۋاملاشماقتا
g.kore orman yangini.jpg

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: گاڭۋون ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى كىم جىن تەي گاڭنېڭ شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تاغلىق رايوندا باشلانغان ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن 700 دىن ئارتۇق پاژارنى خادىمى ۋە 300 ئاپتوموبىلنىڭ رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئوت ئاپىتىدە كەم دېگەندە 44 ئۆي زىيانغا ئۇچراپ ، 300 دىن ئارتۇق ئائىلە تارقاقلاشتۇرۇلدى.

كۈچلۈك شامال ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانلىرىنىڭ يۆتكىلىشچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن بولغاچقا، ئەترەتلەرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىمۇ قىيىنلاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر