ئىران ئەتكەس نېفىت قاچىلانغان تۆت پاراخوتنى قولغا چۈشۈردى

ئىران پارس قولتۇقى دېڭىز تەۋەلىكىدە 270 مىڭ لىتىردىن ئارتۇق ئەتكەس يېقىلغۇ قاچىلانغان تۆت پاراخوتنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1972320
ئىران ئەتكەس نېفىت قاچىلانغان تۆت پاراخوتنى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئەدلىيەسىگە قاراشلىق مىزان خەۋەر ئاگېنتلىقى، ھورمۇزگان ئەدلىيە ئىدارىسى باشلىقى مۇجتەبا قاھرامانىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان پاراخوتلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «پارس قولتۇقىنىڭ دۆلىتىمىز دېڭىز تەۋەلىكىدە ئەتكەس يېقىلغۇ قاچىلانغان تۆت پاراخوت بايقالدى. پاراخوتلاردىكى 270 مىڭ لىتىردىن ئارتۇق ئەتكەس دىزېل قولغا چۈشۈرۈلدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ھورمۇزگان ئەدلىيە ئىدارىسى باشلىقى «ئەتكەسچىلەرنىڭ پاراخوتلارنىڭ گەۋدە ۋە ئەتراپىغا ئۇستىلىق بىلەن نېفىت باكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەتكەس يېقىلغۇ توشىغانلىقى»نى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر