پېسكوۋ ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسسى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى-كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ مەرسىن ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسسىدا 27-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا، رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1971147
پېسكوۋ ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسسى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل سارىيى باياناتچىسى پېسكوۋ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «كۆرۈشۈشتە ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلىرىمىزنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى چوڭ لايىھەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى» دېدى.

ئۇ پۇتىننىڭ ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسسىدا 27-ئاپرېل يادرو يېقىلغۇسىنىڭ ئېلىپ كېلىنىپ، ئىستانسسىنىڭ «يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى»  سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈۈزلىدىغان مۇراسىمغا قاتنىشىپ-قاتناشمايدىغانلىقى سوئالىغا: «رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى قاتنىشىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگنىڭ «رۇسىيە يادرو قورال توغرىسىدا قۇرۇق ۋەدىلەرنى بېرىۋاتىدۇ، ھەرىكەتلىرىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىش لازىم» دېگەن باياناتى ھەققىدە سورالغا سوئالغا، مۇنداق جاۋاب بەردى:

«ناتو رۇسىيە چېگرالىرىغا قاراپ كېڭىيىۋاتىدۇ. ھەربىي ئۇل-ئەسلىھەلىرى بىلەن چېگرالارغا يېقىنلاشقان ناتو، رۇسىيە ئەمەس. بۇ ھەرىكەت بىزگە مەسىلە پەيدا قىلىدۇ ۋە خەۋپسىزلىكىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشە پەيدا قىلىدۇ. ناتو ھەر قېتىم چېگرالىرىمىزغا يېقىنلاشقاندا خەۋپسىزلىكىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى يولغا قويىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر