فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون خىتاي باش مىنىستىرى لى بىلەن كۆرۈشتى

ماكرون-لى چياڭ ئۇچرىشىشى، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ خىتايدىكى رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلدى.

1971005
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون خىتاي باش مىنىستىرى لى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ بىلەن ئۇكرائىنا شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چوڭ توقۇنۇش ۋە قىيىن ئەھۋاللار توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئورتاق ھەل قىلىش چارىسى ۋە ئورتاق يول بەرپا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيەنىڭ 2025-يىلى دېڭىز-ئوكيانلارنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق بىر يىغىن تەشكىللەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ماكرون، خىتاينىڭمۇ بۇ تەشەببۇسلارنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي باش مىنىستىرى لى بولسا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى بىلەن ماكرون ئوتتۇرىسىدا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

لى: «بۇ ئۇچرىشىش؛ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي، فىرانسىيە ۋە ياۋروپانىڭ كۆرسەتكەن ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن ئىجابىي سىگناللارنى بېرىدۇ» دېدى.

پىرېزىدېنت ماكرون تۈنۈگۈن (5-ئاپرېل) پايتەخت بېيجىڭدا خىتاي مەنسەپدىشى شى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشدىمۇ، ئۇكرائىنادا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق يول بەرپا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ماكرون ئۈچ كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈنۈگۈن بېيجىڭغا يېتىپ بارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر