باخمۇتنى تالىشىش ئۇرۇشى شىددەتلىك داۋاملاشماقتا

تەخمىنەن 14 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ شىددەتلىكى دونېتسك ئالدىنقى سېپىدە بولماقتا.

1970976
باخمۇتنى تالىشىش ئۇرۇشى شىددەتلىك داۋاملاشماقتا
bahmut ukrayna askeri.jpg
bahmut ukrayna.jpg
ukrayna askeri bahmut.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش، لۇخانسك، خاركىۋ، خېرسون ۋە زاپورىژيادا؛ ئەڭ شىددەتلىك ئۇرۇشلار بولسا، دونېتسك رايونىنىڭ باخمۇت، ئاۋدېۋكا، مارىنكا بىلەن ئۇگلېدار سېپىدە داۋاملاشماقتا.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى (2022) خېرسون بىلەن خاركىۋ رايونىدا ۋە دونېتسكنىڭ پورت شەھىرىدە قوزغىغان قايتۇرما ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، ئۇرۇش دونېتسك رايونىغا مەركەزلەشتى.

ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە باخمۇتتا بولسا، بىر قانچە ئايدىن بۇيان شىددەتلىك ئۇرۇشلار يۈز بەرمەكتە.

رۇسىيە ئارمىيەسى ئۈچ تەرەپتىن قورشاۋغا ئالغان ۋە كوچا ئۇرۇشلىرى داۋاملىشىۋاتقان باخمۇت، ئۇكرائىنادا ئۇرۇش قاپسېلىپ قالغان جايغا ئايلاندى. ئاۋدېۋكا، مارىنكا ۋە باخمۇت ئۇرۇش سېپىدىكى ھەرىكەتلەر دىققەت قوزغىماقتا بولۇپ، تانكالار، پىيادە ئەسكەرلەرنى توشۇۋاتقان ھەرخىل ھەربىي ئاپتوموبىللار تېز سۈرئەتتە ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان رايوندا ھەر دائىم پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.

ئالدىنقى سەپنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلىرىدىن كوچا جەڭلىرى قىزىشىۋاتقان باخمۇتقا كەلگەن ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، بۇ شەھەردە شىددەتلىك ئۇرۇشنىڭ قانداق داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر