ستولتېنبېرگ شىۋېتسىيەنىڭ ناتو ئەزالىقىنىڭ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ھالەتتە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنىڭ ھەل قىلىنمايدىغان ھالەتتە ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1970248
ستولتېنبېرگ شىۋېتسىيەنىڭ ناتو ئەزالىقىنىڭ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ھالەتتە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ بېلگيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى «ناتو – ئۇكرائىنا كومىتېتى يىغىنى»دىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ستولتېنبېرگ بۇنىڭ فىنلاندىيەنىڭ ناتو ئەزاسى سۈپىتىدە قاتناشقان تۇنجى قېتىملىق يىغىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ھەمدە بۇ دۆلەتكە ئۆزىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ  ياۋرو - ئاتلانتىك ئوكياننىڭ بىر قىسمى بولۇشىنى قوللاش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ستولتېنبېرگ شىۋېتسىيەنىڭ ناتو ئەزالىقى مەسىلىسى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «فىنلاندىيەنىڭ ئەزالىقى شىۋېتسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. بۇ جەريان ھەل قىلىنمايدىغان ھالەتتە ئەمەس» دېدى.

بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ جەرياننى قايتا باشلاش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن يېنس ستولتېنبېرگ: «بىز بۇ يەردە — ناتو مەركىزىدە فىنلاندىيە، شىۋېتسىيە ۋە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە بىر يىغىن ئاچتۇق. قايتا سۆھبەتلىشىشكە كېلىشتۇق ۋە داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەر بار. شىۋېتسىيەنىڭ ئەزالىقى مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، ئوخشىمىغان قاتلاملار بويىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر